غۇنچە تورى

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

ئېلىخەت: customer.service@yadikar.it

پاراڭ: ghunche@ghunce.com

ئىشلىتىش كىلىشىمى

تۇنۇشتۇرۇش

بۇ ئىشلىتىش كىلىشىمى يادىكار ئىگىلىكىدىكى غۇنچە تورى(www.ghunce.com)نى ئىشلىتىش ھەققىدىكى قائىدە ھەمدە بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

غۇنچە تورىغا كىرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، بىز سىزنى ئىشلىتىش كىلىشىمىمىزگە قۇشۇلغان دەپ ھېسابلايمىز. ئەگەر سىز بۇ كىلىشىمگە قۇشۇلمىسىڭىز، غۇنچە تورىنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىڭ.

بۇ كىلىشىمنامە مۇشۇ كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە.

بەرمىلەر

بىز بەرمىلەر ئىشلىتىشنى قوللىنىمىز. غۇنچە تورىغا كىرىش ئارقىلىق، سىز يادىكارنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىدا كۆرسىتىلگەن بەرمىلەر ئىشلىتىش كىلىشىمىگە قۇشۇلغان بۇلىسىز.

بىلىم-مۈلۈك ھوقوقى

سىز ياكى باشقا شەخىسلەر ياكى ئورگانلار ئىگىدارچىلىق قىلغان مەزمۇنلاردىن باشقا، ئۇشبۇ كىلىشىمنامە ئاستىدا، يادىكار ھەمدە ياكى ئۇنىڭ ئىجازەت بەرگۈچىلىرى غۇنچە تورىدىكى بارلىق ماتىرياللارنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقوقىغا ئىگە.

سىز غۇنچە تورىدىكى مەزمۇنلارنى غۇنچە تورىدىلا كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئۈچۈنلا چەكلىك ئىجازەتنامىگە ئىگە.

چەكلىمىلەر

سىز كونكىرىت ھالدا تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىشتىن چەكلىنىسىز:

  • ھەرقانداق بېكەت مەزمۇنىنى باشقا ھەرقانداق تاراتقۇلاردا قايتا ئېلان قىلىشتىن
  • ھەرقانداق بېكەت مەزمۇنىنى سېتىش ھەمدە ياكى تاۋارلاشتۇرۇشتىن
  • تور بېكەت مەزمۇنىنى ئاممىۋىي ھالدا ئورۇنلاشتىن ھەمدە كۆرسىتىشتىن
  • بۇ توربېكەتنى تور بېكەتكە زىيان كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئىشلىتىشتىن
  • بۇ توربېكەتنى باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرىشىگە تەسىر يەتكۈزگەن ئۇسۇلدا ئىشلىتىشتىن
  • بۇ توربېكەتنى قانۇن-تۈزۈملەرگە قارشى ھالدا ئىشلىتىشتىن ھەمدە ھەرقانداق ئۇسۇلدا بېكەتكە، ھەرقانداق شەخىسكە ھەمدە ئورگانغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھالدا ئىشلىتىشتىن
  • سانلىق -مەلۇمات قېزىش، يىغىش، ئوغۇرلاشقا ئوخشاش ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن
  • بۇ توربېكەتنى ئېلان بېرىش ياكى بازار ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىشتىن

بۇ توربېكەتنىڭ بەزى رايۇنلىرى سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزدىن چەكلەنگەن، ھەمدە يادىكار سىزنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بېكەتنىڭ ھەرقانداق رايۇنىغا كىرىشتىن خالىغان چاغدا، مۇتلەق ھالدا چەكلىيەلەيدۇ. سىزنىڭ تور بېكەتتىكى ئىشلەتكۈچى نۇمۇرىڭىز ھەمدە مەخپىي نۇمۇرىڭىز بولسا مەخپىي تۇتۇلىدۇ ھەمدە سىزمۇ مەخپىي تۇتۇشىڭىز كېرەك.

سىزنىڭ مەزمۇنىڭىز

بۇ ئىشلىتىش كىلىشىمىدە، "سىزنىڭ مەزمۇنىڭىز" بولسا سىز توربېكەتتە ئورتاقلاشقان ھەرقانداق ئۈن، سىن، تىكىست، سۈرەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

سىزنىڭ مەزمۇنىڭىز سىزنىڭ بۇلىشى ھەمدە ئۈچۈنچى-تەرەپنىڭ ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. يادىكار سىزنىڭ ھەرقانداق مەزمۇنىڭىزنى خالىغان چاغدا سىزگە ئۇقتۇرماي تور بېكەتتىن چىقىرىپ تاشلاش ھوقوقىغا ئىگە.

مەزمۇنىڭىزنى چىقىرىش

ئەگەر سىز بىر سەنئەتكار ياكى ئاۋازلىق مەزمۇن ئىشلىگۈچى بولسىڭىز، سىز ئىشلەتكۈچى بېتىڭىزدىن كىملىكىڭىزنى دەلىللەش تەلىپىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ھېساباتىڭىزنى ئىجادىيەتچى ھېساباتىغا ئايلاندۇرالايسىز. ئەگەر سىزنىڭ ئىجادىيەتچى ھېساباتىڭىز بولسا ، سىز مەزمۇنىڭىزنى غۇنچە تورىغا چىقىرالايسىز. ئەگەر مەزمۇنلىرىڭىزنى چىقىرىشنى تاللىسىڭىز ،بۇ كېلىشىمگە ياكى قانۇنغا خىلاپ مەزمۇنلارنى چىقارماسلىقىڭىز كېرەك. مەسىلەن ، سىز يوللىغان مەزمۇن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى كېرەك(مەسىلەن نەشر ھوقۇقى بېرىلگەن ماتېرىيالغا ئوخشاش). لىكىن سىزدە مىخانىكىلىق ئىجازەتنامە ياكى ئۇ تەرەپنىڭ رۇخسىتى بولسا ياكى باشقىچە قانۇنىي ھوقوق بولسا ياكى ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ نەشىر-ھوقوقىغا ئائىت ھوقوقلار بولسا، سىز ئوخشاشلا ئۇ مەزمۇننى چىقىرالايسىز. شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى،ئەگەر سىز نەشىر-ھوقوقى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسىڭىز، ئۇنىڭ جاۋاپكارلىقى سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە بۇلىدۇ.

نەشىر-ھوقوقى ئىگىدارچىلىق

ئەگەر سىز مەزمۇنىڭىزنى ھېچقانداق ئۈچۈنچى-تەرەپ مەزمۇنىنى ئارلاشتۇرماي ئىجاد قىلغان بولسىڭىز، مەزمۇنىڭىزنىڭ بارلىق ھوقوقى سىزنىڭ بۇلىدۇ. ئەگەر مەزمۇنىڭىزنىڭ بارلىق ھوقوقى سىزدە بولسا، مەزمۇنىڭىزنى سىز تاللىيالايدىغان ھەر قانداق باھا بىلەن چىقىرالايسىز. لىكىن سىز مەزمۇنىڭىزنى ھەقلىق چىقارماقچى بولسىڭىز، سىز مەزمۇنىڭىزنىڭ قانۇنلۇق نەشىر ھوقوقى گۇۋاھنامىسىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك.

يادىكارغا ئىجازەت

سىز "سىزنىڭ مەزمۇنىڭىز"نى بېكەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، سىز يادىكارغا ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايلىرىدا غۇنچە تورىدا ئېلان قىلىش، تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنى بېرىسىز.

ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىجازەت

ئەگەر سىزنىڭ مەزمۇنىڭىز ھەقسىز بولسا، سىز يەنە غۇنچە تورىنىڭ ھەربىر ئىشلەتكۈچىسىگە ئۇنى غۇنچە تورىدا ھەقسىز ئىشلىتىش ۋە بەھىرمەن بۇلۇش ھوقوقىنى بېرىسىز. ئەگەر سىزنىڭ مەزمۇنىڭىز ھەقلىق بولسا، سىز مەزمۇنىڭىزنى سېتىۋالغان ھەربىر ئىشلەتكۈچىگە ئۇ مەزمۇن غۇنچە تورىدىن ئۆچۈرۋېتىلگەنگە قەدەر ئۇنىڭدىن غۇنچە تورىدا ساقلاش، ئاڭلاش ۋە خالىغانچە بەھىرمەن بۇلۇش ھوقوقىنى بېرىسىز.

مەزمۇنىڭىزنى ئۆچۈرۈش

سىز غۇنچە تورىغا تەلەپ قىلىش ئارقىلىق، مەزمۇنىڭىزنى غۇنچە تورىدىن خالىغان چاغدا ئۆچۈرۋېتەلەيسىز. ئەگەر مەزمۇنىڭىز مۇشۇ كىلىشىمدىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولمىسا، سىز چۇقۇم مەزمۇنىڭىزنى غۇنچە تورىدىن ئۆچۈرۋېتىشىڭىز كېرەك. ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر غۇنچە تورى مەزمۇنىڭىزنىڭ مۇشۇ كىلىشىمگە ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلغانلىقىنى بېكىتسە، غۇنچە تورى مەزمۇنىڭىزنى بىتەرەپ ئۆچۈرۈش ھوقوقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

غۇنچە تورىدا سېتىۋېلىش

مۇشتەرى بۇلۇش

يادىكار سىزگە مۇقىم باھالىق مۇشتەرىلىك مۇلازىمىتىنى سىزگە قەرەللىك ھالدا ساتىدۇ. مۇشتەرىلىك مۇلازىمىتى بولسا غۇنچە تورىنىڭ ئەسەرلەرنى، توپلاملارنى، سەنئەتكار بېتى ئۇلىنىشىنى ساقلاشقا ئوخشاش ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىنى سىزگە تەمىنلەشتىن ئارتۇق ئىش ئەمەس. مۇشتەرىلىك مۇلازىمىتى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، غۇنچە تورىدا تېپىلىدىغان باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ياكى سەنئەتكارلار ياكى ئورگانلار ئىگىلىك ھوقوقىغا ئىگە مەزمۇنلارنى سېتىش دىگەنلىك ئەمەس. ئۇ مەزمۇنلار سىز غۇنچە تورىغا ھەقلىق مۇشتەرى بولمىسىڭىزمۇ غۇنچە تورىدىن ھەقسىز ئېرىشكىلى بۇلىدىغان مەزمۇنلاردۇر. شۇڭا سىز غۇنچە تورىغا ھەقلىق مۇشتەرى بۇلۇش ئارقىلىق، غۇنچە تورىدا تېپىلىدىغان باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ياكى سەنئەتكارلار ياكى ئورگانلار ئىگىلىك ھوقوقىغا ئىگە مەزمۇنلارنى سېتىۋالمايسىز، بەلكى غۇنچە تورىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىنى مۇددەتلىك سېتىۋالىسىز.

ھەقلىق مەزمۇن

غۇنچە تورىدا سىز سېتىۋالمىسىڭىز تۇلۇق ئېرىشكىلى بولمايدىغان مەزمۇنلار بار. سىز ئۇ مەزمۇنلارنى سېتىۋالغان ھامان، ئىشلەتكۈچى بېتىڭىز ئارقىلىق تۇلۇق بەھرىمەن بۇلالايسىز. لىكىن ئۇ مەزمۇنلار مۇشۇ كىلىشىمگە ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالسا، ئۇ مەزمۇنلاردىن قايتا بەھرىمەن بۇلالمايسىز. شۇڭا سىز ھەقلىق مەزمۇنلارنى سېتىۋالغاندا، ئۇ مەزمۇننىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلغان ئاساستا سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.

كاپالەت بېرىلمەيدۇ

بۇ توربېكەت بارلىق نۇقسانلىرى بىلەن "ئەينەن ھالدا" سىزگە تەمىنلىنىدۇ ھەمدە يادىكار بۇ بېكەتتە كۆرسىتىلگەن ياكى بۇ بېكەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق ماتىريالغا ۋاكالەتچىلىك قىلمايدۇ ھەمدە كاپالەتنامە بەرمەيدۇ. شۇنداقلا تور بېكەتتە كۆرسىتىلگەن ھەرقانداق مەزمۇن سىزگە مەسلىھەت بەرگەن دەپ شەرھىلەنمەيدۇ.

چەكلىك جاۋاپكارلىق

ھېچقانداق ئەھۋال ئاستىدا، يادىكار ھەمدە ئۇنىڭ ئەمەلدارى، دېرىكتورى ھەمدە خىزمەتچىلىرى سىزنىڭ بۇ بېكەتنى ئىشلىتىشىڭىزدىن كىلىپ چىققان ھەرقانداق ۋەقە ئۈچۈن جاۋاپكارلىقنى ئۆز-ئۈستىگە ئالمايدۇ.

تۆلەم

سىز بۇ ئارقىلىق يادىكارنىڭ بۇ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق ۋە ياكى بارلىق مەسئۇلىيەت ، خىراجەت ، تەلەپ ، ھەرىكەت سەۋەبى ، زىيان ۋە چىقىمنى تولۇق تۆلەسىز.

كۈچكە ئىگە

ئەگەر بۇ كىلىشىمنامىنىڭ بىرەر ماددىسى ھەرقانداق بىر قانۇندا كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى بايقالسا، بۇ ماددا بۇ ئىجازەتنامىدىكى باشقا ماددىلارغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ئاساستا كۈچتىن قالىدۇ. بۇ كىلىشىمنامىنىڭ باشقا ماددىلىرى ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بۇلىۋېرىدۇ.

كىلىشىم يېڭىلاش

يادىكارنىڭ بۇ كىلىشىمنى خالىغان ۋاقىتتا تۈزىتىشىگە رۇخسەت قىلىسىز، بۇ تور بېكەتنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ كىلىشىمنامىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىسىز.

تەقسىملەش

يادىكارنىڭ بۇ كىلىشىم بويىچە ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تەقسىملەش ، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ھۆددىگە بېرىشكە رۇخسەت قىلىسىز. قانداقلا بولمىسۇن ، سىزنىڭ بۇ شەرتلەردىكى ھوقۇقىڭىز ۋە مەجبۇرىيىتىڭىزنى تەقسىملەش ، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ھۆددىگە بېرىشىڭىزگە بولمايدۇ.

بارلىق كىلىشىم

بۇ كىلىشىم يادىكار بىلەن سىز بۇ تور بېكەتنى ئىشلىتىشىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماددىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ ھەمدە ئىلگىرىكى بارلىق كېلىشىم ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

باشقۇرۇش قانۇنى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى

بۇ كىلىشىم دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن باشقۇرۇلىدۇ ۋە ئىزاھلىنىدۇ، سىز تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىز تۇرۇشلۇق دۆلەتكە جايلاشقان شىتات ۋە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە بويسۇنىسىز.

00:00
00:00

سىز غۇنچە تورىغا كىرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، سىز بىزنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىمىزغا قۇشۇلغان بولىسىز. بىزنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇقۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.