ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى
ئېلىخەت: customer.service@yadikar.it
پاراڭ: ghunche@ghunce.com
مەخپىيەتلىك باياناتى
يادىكاردا، بىزنىڭ مۇھىم ئىشىمىزنىڭ بىرسى بولسا غۇنچە تورى(www.ghunce.com) زىيارەتچىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش. بۇ مەخپىيەتلىك باياناتى بىز توپلىغان ئۇچۇرلارنىڭ تەپسىلاتى ھەمدە ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىشىمىز توغىرسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز- ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۇئاللىرىڭىز بولسا ياكى مەخپىيەتلىك باياناتىمىز ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلماقچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىشتىن ئىككىلەنمەڭ.
ئۇمۇمىي سانلىق-مەلۇمات قوغداش بەلگىلىمىسى
بىز بىر سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنىڭ سانلىق-مەلۇمات باشقۇرغۇچىسى.
يادىكارنىڭ ئۇشبۇ باياناتتا تەسۋىرلەنگەن ئۇچۇر توپلاش ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرنى ئىشلىتىشتىكى قانۇنىي ئاساسى بولسا بىز توپلىغان شەخسىي ئۇچۇرغا ھەمدە بىز ئۇ ئۇچۇرنى توپلىغان ئالاھىدە ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك:
- يادىكار سىز بىلەن توختام تۈزۈشى لازىم
- سىز يادىكارغا شۇنداق قىلىش ئىجازىتىنى بەردىڭىز
- سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى بىر-تەرەپ قىلىش يادىكارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن
- يادىكار قانۇنغا رىئايە قىلىدۇ
يادىكار سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۇشبۇ باياناتتا تەسۋىرلىگەن مۇددىئاسىغا زۆرۆر بولغىچە ساقلايدۇ. بىز ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانۇنىي مەجبۇرىيەتكە ئەمەل قىلىش، جېدەل-ماجرا بىر-تەرەپ قىلىش ھەمدە بەلگىلىمىلىرىمىزنى ئىجرا قىلىشقا زۆرۆر بولغان دائىرە ئىچىدە ساقلايمىز ھەمدە ئىشلىتىمىز.
ئەگەر سىز ياۋرۇپا ئىقتىسادىي رايۇنى ئىچىدىكى پۇقرا بولسىڭىز، سىزنىڭ بەلگىلىك سانلىق-مەلۇمات قوغداش ھوقوقىڭىز بار. ئەگەر سىز سىزنىڭ قانداق ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھەمدە ئۇ ئۇچۇرلارنى سېستىمىمىزدىن ئۆچۈرۋەتمەكچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
بەلگىلىك ئەھۋال ئاستىدا، سىزنىڭ تۆۋەندىكىدەك سانلىق-مەلۇمات قوغداش ھوقوقىڭىز بار:
- سىزنىڭ بىزدە بار بولغا ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشىش، يېڭىلاش ياكى ئۆچۈرۈش
- تۈزىتىش ھوقوقى
- قارشى-تۇرۇش ھوقوقى
- چەكلەش ھوقوقى
- سانلىق-مەلۇماتنى يۆتكەش ھوقوقى
- ماقۇللۇقنى قايتۇرۋېلىش ھوقوقى
خاتىرە ھۆججەتلىرى
يادىكار خاتېرە ھۆججەتلىرىنى ئىشلىتىشتە ئۆلچەملىك قەدەم-باسقۇچلارغا تايىنىدۇ. بۇ ھۆججەتلەرگە زىيارەتچىلەر غۇنچە تورىغا كىرگەندە خاتىرە قالدۇرىدۇ. بارلىق ساھىبخانلىق شىركەتلىرى مۇشۇنداق قىلىدۇ ھەمدە ساھىبخانلىق مۇلازىمەت ئانالىزىنىڭ بىر قىسمى. خاتىرە ھۆججەتلىرىگە ساقلىندىغان ئۇچۇرلار بولسا ئىنتىرنىت كىلىشىمى (IP) ئادىرسى، تور كۆرگۈچ تۈرى، ئىنتىرنىت مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى، چېسلا ۋە ۋاقىت، ئۇلىنىش ياكى چىقىش بەتلىرى ھەمدە بەلكىم مائۇس چىكىش قېتىم سانى قاتارلىقلار. بۇلار كىملىكنى بىكىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇرغا مۇناسىۋەتسىز. بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشتىكى مەقسەت بولسا يۈزلىنىشنى ئانالىز قىلىش، بېكەتنى باشقۇرۇش، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بېكەتتىكى ھەركىتىنى ئىز-قوغلاش ھەمدە تۇرۇشلۇق دۆلەت ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتۇر.
بەرمىلەر
باشقا توربەتلەرگە ئوخشاش، يادىكار بەرمىلەرنى ئىشلىتىدۇ. بۇ بەرمىلەر زىيارەتچىلەرنىڭ مايىللىقى ھەمدە زىيارەتچىلەر بېكەتتە كىرگەن بەتلەرگە ئوخشاش ئۇچۇرلارنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ. بۇ ئۇچۇرلار زىيارەتچىلەرنىڭ بېكەتنى زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ھەمدە بېكەتنى زىيارەتچىلەرنىڭ تور كۆرگۈچىسىگە لايىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.
مەخپىيەتلىك بەلگىلىمىلىرى
سىز بۇ تىزىملىكنى يادىكارنىڭ ئېلان بەرگۈچى شېرىكلىرىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىشىڭىز مۇمكىن.
ئۈچۈنچى-تەرەپ ئېلان مۇلازىمېتىرلىرى ياكى ئېلان تورلىرى غۇنچە تورىدا كۆرۈنىدىغان ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ توركۆرگۈچىسىگە بىۋاستە ئەۋەتىلدىغان ئېلان ياكى ئۇلىنىشلاردا بەرمىلەرگە ئوخشان تېخنىكىلارنى ئىشلىتىدۇ. بۇلار يۈز بەرگەندە ئۇلار سىزنىڭ ئىنتىرنىت كىلىشىمى (IP) ئادىرسىڭىزغا ئاپتۇماتىك ئېرىشىدۇ. بۇ تېخنىكىلار ئۇلارنىڭ تەشۋىقات پائالىيتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ياكى/ھەمدە سىز زىيارەت قىلغاندا كۆرگەن ئېلان مەزمۇنلىرىنى خاسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، يادىكارنىڭ ئۈچۈنچى-تەرەپ ئېلان بەرگۈچىلەر ئىشلەتكەن بەرمىلەرگە ئېرىشىش ياكى باشقۇرۇش ھوقوقى يوق.
ئۈچۈنچى-تەرەپ مەخپىيەتلىك باياناتى
يادىكارنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى باشقا توربەتلەرگە ياكى ئېلان بەرگۈچىلەرگە قوللىنىلمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن بىز سىزگە ئۈچۈنچى-تەرەپ ئېلان مۇلازىمېتىرىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىغا نەزەر سېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەركىتى ھەمدە بەلگىلىك تاللانمىلارنى رەت قىلىشتىكى كۆرسەتمىلەرنى ئۆز-ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
سىز تور كۈرگۈچىڭىزنىڭ تاللانمىلىرى ئارقىلىق بەرمىلەرنى يوق قىلالايسىز. بەلگىلىك تور كۆرگۈچنىڭ بەرمىلەر باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تور كۆرگۈچنىڭ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىردىن ئىزدەڭ.
بالىلارنىڭ ئۇچۇرى
بىز مۇھىم بىلىدىغان يەنە بىر ئىش بولسا بالىلارنى تورنى زىيارەت قىلغاندا قوغداش. بىز ئاتا-ئانىلارنى ھەمدە ھامىيلارنى بالىلارنىڭ توردىكى پائالىيتىگە قاتنىشىشىنى، كۈزىتىشىنى ھەمدە يىتەكچىلىك قىلىشىنى رىغبەتلەندۈرىمىز.
يادىكار بىلگەن ئەھۋال ئاستىدا 13 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردىن ھېچقانداق پەرىقلەندۈرۈشكە بولىدىغان شەخسىي ئۇچۇرنى توپلىمايدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ مۇشۇنداق ئۇچۇرنى غۇنچە تورىدا تەمىنلىدى دەپ قارىسىڭىز، بىز سىزنى دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى رىغبەتلەندۈرىمىز ھەمدە بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى خاتىرە ھۆججەتلىرىمىزدىن دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەركەتكە ئۈتىمىز.
پەقەتلا تور يۈزىدىكى مەخپىيەتلىك باياناتى
بىزنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىمىز پەقەتلا سىزنىڭ تور يۈزىدىكى پائالىيتىڭىزگە قوللىنىلدۇ ھەمدە زىيارەتچىلەرنىڭ يادىكار بىلەن ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلىرى ئۈچۈنلا ئىناۋەتلىك بۇلىدۇ. بۇ بايانات تور سىرتىدا توپلىغان ياكى غۇنچە تورىدىن باشقا قاناللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قوللىنىلمايدۇ.
قۇشۇلۇش
غۇنچە تورىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، سىز بىزنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتىمىزغا ھەمدە ئۇنىڭ ماددىلىرىغا قۇشۇلدىڭىز.